مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۈن ۋېنبىنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2020.01.17 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ، جاۋابكار سۈن ۋېنبىننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، جاۋابكار سۈن ۋېنبىننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىپ ئېنىقلىشىچە، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاۋابكار سۈن ۋېنبىن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئاپىسى سۈن ۋېيشىنى خەلق ئاۋىياتسىيە باش دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. سۈن ۋېنبىن دوختۇر ياڭ ۋېننىڭ ئاپىسىنى داۋالىشىغا نارازى بولۇپ، كۆڭلىدە دوختۇرغا غۇم ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 6:00 لەرە، سۈن ۋېنبىن ئالدىن تەييارلىۋالغان پىچاق بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە دىجورنىلىق قىلىۋاتقان دوختۇر ياڭ ۋېننىڭ بوينىغا پىچاقنى قايتا-قايتا سۈركەپ، تىقىپ، ياڭ ۋېننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سۈن ۋېنبىن دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

  سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار سۈن ۋېنبىن باشقىلارنى قەستەن قانۇنسىز ھاياتىدىن مەھرۇم قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. سۈن ۋېنبىن دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا قانۇن بويىچە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بېكىتىش كېرەك. سۈن ۋېنبىن سادىر قىلغان جىنايەتنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن ناچار، قاتىللىق ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشى ۋە ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر، ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور، ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا يېنىك جازا بېرىشكە يەتمەيدۇ، سوت مەھكىمىسى سوتتا قانۇن بويىچە يۇقىرىقى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى چىقاردى.

  قاراپ چىقىش جەريانىدا، سوت مەھكىمىسى ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتلىرىغا قارىتا تولۇق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ، ئىسپاتنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، جاۋابكار سۈن ۋېنبىن سوتتا جىنايىتىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەملىكەتلىك ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، تاراتقۇلار ۋەكىللىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما قاتارلىقلار سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ