مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ، ئاددىيلىرىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى

2020.01.16 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ، ئاددىيلىرىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەق تەلەپ دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلونىڭ مۇرەككەپ، ئاددىيلىرىنى ئايرىش، يېنىك-ئېغىرلىرىنى ئايرىش، تېز-ئاستىلىرىنى ئايرىشنى ئالغا سىلجىتقان.

  2019-يىلى 12-ئايدا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېيجىڭ، شاڭخەي شەھىرىگە قاراشلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى، ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى، نەنجىڭ، سۇجوۋ، خاڭجوۋ، نىڭبو، خېفېي، فۇجوۋ، شيامېن، جىنەن، جېڭجوۋ، لوياڭ، ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ، شېنجىن، چېڭدۇ، گۈيياڭ، كۈنمىڭ، شىئەن، يىڭچۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىلىرى، شاڭخەيدىكى پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى، بېيجىڭ، خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋدىكى ئالاقە تورى سوت مەھكىمىلىرىگە قانۇن يۈرگۈزۈشتە بېكىتىلگەن تەرتىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاز سوممىلىق دەۋا تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاددىي تەرتىپ قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يالغۇز ئۈستىگە ئېلىش تۈزۈمىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئېلېكتىرونلۇق دەۋا قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىپ، ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ، ئاددىيلىرىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ قارار قىلىندى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېسىپ تارقاتقان لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇن يۈرگۈزۈشتە بېكىتىلگەن تەرتىپلەر ئەلالاشتۇرۇلۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە بېكىتىلگەن تەرتىپلەرنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە بېكىتىلگەن دېلولارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاز سوممىلىق دەۋا تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاز سوممىلىق دەۋا دېلوسىنىڭ نىشان سوممىسى ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلۈپ، ئاز سوممىلىق دەۋا تەرتىپى تەتبىقلىنىدىغان دېلو دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاز سوممىلىق دەۋا دېلوسىنى سوت قىلىش ئۇسۇلى ۋە ھۆكۈم-كېسىم ھۆججىتى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئاز سوممىلىق دەۋا دېلوسىنى قاراپ چىقىش مۇددىتى مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاددىي تەرتىپ قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدىغان ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرىنى ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا بولىدۇ. يالغۇز ئۈستىگە ئېلىش تۈزۈمىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىدە سودىيە بىر كىشىنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە ئايرىم بىر قىسىم ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە سودىيە بىر كىشىنىڭ ئايرىم بىر قىسىم ئاددىي ھەق تەلەپ دەۋا دېلولىلىرىنى قاراپ چىقىشىغا بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يالغۇز ئۈستىگە ئېلىش تۈزۈمى ۋە كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئالماشتۇرۇش-تەتبىقلاش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ