مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئاساسىي پەنلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ

2020.01.16 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15- چېسلا ئىگىلىشىچە، ئاساسىي پەنلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئاساسىي پەنلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئاساسىي پەنلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» («ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)گە ئاساسەن، بۇ پىلاندا ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ھەمدە ئۇنىۋېرسال ساپاسى مۇنەۋۋەر ياكى ئاساسىي پەنلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تاللىنىدۇ. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە تارىخ، پەلسەپە، قەدىمكى يېزىق ئىلمى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى جەھەتتە، بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاساسىدا كۆپ ئۆلچەم بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ باھالايدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ۋە ئالىي مەكتەپ باھالاشقا قاتناشقاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالاش نەتىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، نىسبەت بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسىنى بىرىكتۈرگەن ئاساستا (بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %85دىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ)، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار پەن ساھەسىدە گەۋدىلىك ئىقتىدارى ۋە ئىپادىسى بولغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا، دەرىجە ئاتلىتىپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باھالىشىغا كىرىشنىڭ شەرتى ۋە چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا ھەمدە ئالدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى لازىم.

  ئالىي مەكتەپلەر «ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى» ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى ئايرىم تۈزۈپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تۈزۈمى ۋە كىچىك سىنىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شان-شەرەپ تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا كۆرسىتىش، دوكتورلۇقتا بىۋاسىتە ئوقۇش، ھۆكۈمەت چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئەۋەتىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. تولۇق كۇرس-ماگىستىر-دوكتور جىپسىلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. پەن-مائارىپ ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. «ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى» ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن پىرىنسىپ جەھەتتە ئالاقىدار پەنلەردىن باشقا كەسىپلەرگە يۆتكەلمەسلىكى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاپ بۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىكەن. باشلىنىش باسقۇچىدا، بىر قىسىم «ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر»نى تاللاپ ئالىي مەكتەپلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بەرپا قىلىدىكەن. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ئالاقىدار كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش لايىھىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، كەسىپ ۋە كۆلەمنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشكە تەشكىللىدى. 2020- يىلىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانمايدىغان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ