خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق سارىيىدا پايتەختتىكى ھەر مىللەت زاتلىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش چاي زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، بەيما چىلىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ چاي زىياپىتىگە قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باتۇر چاي زىياپىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ