مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى مالىيە ئوبزورى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 99 قېتىم تىلغا ئېلىندى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى

2020.01.16 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 14- كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2019- يىلى 4- پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىشىنى 99 قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش بولسا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، بايلىقنىڭ مەنبەسى. ئېلىمىزدە 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەكچى بار بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %64.3ىنى ئىگىلەيدۇ. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر. 2019- يىلى، ئېلىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم ماكرولۇق سىياسەت قاتلىمىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش يۆنىلىشىنى كۈچەيتتى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق بولغان ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان مۇھىتتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، 2019- يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، نىشان-ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 520 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇمۇ ئۇدا يەتتە يىلغىچە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ