خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيچىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
خې ۋېيچىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
خې ۋېيچىڭ، ئەر، 1956- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭيۈەن ناھىيەسىدىن، خىزمەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1973- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1974- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
1989-يىلى 8- ئايدا شاۋگۈەن شەھىرى ۋېڭ يۈەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان
1990- يىلى 4- ئايدا شاۋگۈەن شەھىرى ۋېڭ يۈەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان.
1995- يىلى 12- ئايدا شاۋگۈەن شەھەرلىك تەمىنات-سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى مۇدىرىيىتىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى كارخانا گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتورى بولغان
1998- يىلى 1- ئايدا شاۋگۈەن شەھەرلىك تەمىنات-سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى كېڭىشى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان
2004- يىلى 6- ئايدا شاۋگۈەن لېچاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شاۋگۈەن شەھەرلىك تەمىنات-سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى كېڭىشى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان
2004- يىلى 8- ئايدا شاۋگۈەن لېچاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2006- يىلى 12- ئايدا شاۋگۈەن لېچاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2009- يىلى 3 - ئايدا شاۋگۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شاۋگۈەن لېچاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2009- يىلى 5- ئايدا شاۋگۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان
2017- يىلى 1- ئايدا شاۋگۈەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان
2017- يىلى 11- ئايدا پېنسىيەگە چىققان.
(گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى