مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋۇخەندە 13-چېسلا يېڭىدىن كۆپەيگەن، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، ئۆلگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى كۆرۈلمىدى

2020.01.15 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 14-يانۋار كەچتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ۋۇخەندە يېڭىدىن كۆپەيگەن، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، ئۆلگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى كۆرۈلمىدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 13-چېسلا سائەت 24 كىچە، ۋۇخەندە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 41 ى دوكلات قىلىندى، يەتتە كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئالتە ئېغىر كېسەل بىمارى داۋالانماقتا، بىر كىشى ئۆلدى، قالغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى، بىمارلارنىڭ ھەممىسى ۋۇخەن شەھىرىدىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا ئايرىپ داۋالاندى. زىچ ئۇچراشقانلاردىن جەمئىي 763 ئادەم ئىز قوغلاندى، 187 ئادەمگە قارىتىلغان تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، يەنە 576 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. قويۇق ئۇچراشقانلار ئىچىدە، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك بىمارى بايقالمىدى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، تايلاندتا ۋۇخەندىن بارغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئادەمگە دىئاگنوز قويۇلغان. نۆۋەتتە بۇ بىمار تايلاند دوختۇرخانىسىدا ئايرىۋېتىلىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىڭ بىلەن قويۇق ئۇچراشقاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتقانلارنى ئىز قوغلاش ۋە تېببىي كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ