خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈن بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يېڭىدىن يولغا قويماقچى بولغان تەدبىرلەرنى، يەنى خەلققە قولايلىق يارىتىش ۋە كارخانىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشتىكى ئالتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى ئېلان قىلدى. بۇ، ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى مەركەزلىك ھالدا يولغا قويۇلغان 60 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر بىلەن، يەنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بولۇش، ئاممىغا ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مەركەزلىك ھالدا يولغا قويۇلغان يېڭى تەدبىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 4- مەيدان ئېچىلىشىدۇر. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو لىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جياڭپىڭ ، مۇئاۋىن ئەزاسى ليۇ يۈپېڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
گو لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ج خ مىنىستىرلىقى ئۇدا ئۈچ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتكە 60 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق يارىتىش ۋە كارخانىلارغا پايدىلىق ئىش قىلىشتىكى تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۈگۈن، ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئالتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرى ئېلان قىلىندى، بۇلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇش، مىنىبۇسلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەشنى ئۇچۇر تورىدا يەتكۈزۈش، قاتناش بىخەتەرلىكى يول باشلاش ئەسكەرتمە مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
لى جياڭپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالدىنقى مەزگىللىك ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، بۇ قېتىم يەنە ئالتە تۈرلۈك ئىسلاھات يېڭى تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ تۈرلۈكى سىناق نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ سىناق قىلىشتەك ئىسلاھات تەدبىرى بولۇپ، يەنە ئۈچ تۈرلۈكى بولسا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىدىن ئىبارەت. نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇشتا، خىزمەتلەر ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شوپۇرلارغا نومۇر خاتىرىلەشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ