مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنىڭ شەھىرىدىكى يول يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىدە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان خادىملار 10 ئادەمگە يەتتى

2020.01.14 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن شىنىڭ شەھەرلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ 14-يانۋار سەھەر سائەت 3 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچقۇرۇن شىنىڭ شەھىرى چېڭجۇڭ رايونى جەنۇبىي چوڭ كوچىسىدا يۈز بەرگەن يول يۈزى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، داۋاملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئادەم سانى ئىككىدىن 10 غا، يارىلانغان ئادەم سانى 13 تىن 15 كە يەتكەن.

  شىنىڭ شەھەرلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زو شىشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، 13 نەپەر يارىدار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. يەنە ئىككى يارىدار ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆزى دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتتى. نۆۋەتتە، بارلىق يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى مۇقىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ