خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 9-يانۋار سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلامچىسى ليۇ خې مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە ئۆمەك باشلاپ ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆمىكى كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا زىچ پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ