مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى بەش تارماق بىلەن بىرلىشىپ يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2020.01.10 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى 15 تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ تىپىك دېلو مىساللىرى تۆۋەندىكىچە: جياڭسۇدىكى فۇ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ شەنشىدىكى لى فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسى؛ خېنەندىكى لۈ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ زەھەرلىك، زىيانلىك يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ بېيجىڭدىكى ياڭ فامىلىلىكنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ شاڭخەيدىكى لى فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ جياڭسۇ خەيئەندىكى جۇ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ساختا دورا سېتىش جىنايى ئىشلار، قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋا دېلوسى؛ جياڭشىدىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىرقاتار دېلوسى؛ سىچۈەندىكى جاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ گۇاڭشىدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ جياڭسۇ، جېنجياڭدىكى ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ساختا ھاراق ياساش-سېتىش دېلوسى؛ خۇنەن لوۋدىدىكى ساختا قاتتىق پوستلۇق يەل-يېمىش ياساش-سېتىش دېلوسى؛ چۇڭچىڭدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ساختا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ياساش-سېتىش دېلوسى؛ شەنشىدىكى رېن فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ جياڭشىدىكى لوۋ فامىلىلىكنىڭ رويخەتكە ئېلىنمىغان ئىچ كۆزەينەكنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسى؛ خۇنەندىكى لى فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ