مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىللىق «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تىكى ئون چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى

2020.01.10 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، 2019-يىللىق «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تىكى ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى، ئۇلار قانۇنسىز نەشر قىلىش، توردا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختا مۇخبىر قىياپىتىدە قاقتى-سوقتى قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىپ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» دېلوسىدىن 11 مىڭدىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 1600دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزۇلۇپ، 3600دىن ئارتۇق كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە جازالانغان.

  1. جېجياڭ شاۋشىڭدىكى «20-ئاۋغۇست» قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش دېلوسى؛

  2. شەندۇڭ چىڭداۋدىكى «21-ئاۋغۇست» شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى؛

  3. جياڭسۇ نەنجىڭدىكى «9-ئاپرېل» شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى؛

  4. خۇبېي خۇاڭگاڭدىكى «1-مارت» توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى؛

  5. گۇاڭشى ليۇجوۋدىكى «20-ئاۋغۇست» توردا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى؛

  6. بېيجىڭ «ماندو SP» قورۇقىدىكى توردا بالىلارنى خورلاش شەھۋانىي بۇيۇملىرىنى تارقىتىش دېلوسى؛

  7. شەنشى ۋېينەندىكى «18-سېنتەبىر» ساختا مۇخبىرلار گۇرۇھىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسى؛

  8. ئەنخۇي، شىنجاڭدىكى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى؛

  9. جياڭسۇ خۇەيئەندىكى «22-فېۋرال» ھوقۇققا چېقىلىپ، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان بۇيۇملارنى سېتىش دېلوسى؛

  10. تيەنجىندىكى «13-دېكابىر» نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ