مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

بۇ يىل «ئالىي مەكتەپ كۆچمەنلىرى»گە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2020.01.10 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرما قىلغان. «ئۇقتۇرۇش»تا «ئالىي مەكتەپ كۆچمەنلىرى»گە قاتتىق زەربە بېرىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار جايلاردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان خادىملار ۋە باشقا نوپۇسقا ئېلىنمىغان خادىملار بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جاينىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئالىي مەكتەپ كۆچمەنلىرى»گە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شاڭخەي، جېجياڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا قىلىش تەجرىبىسىنى يەنىمۇ خۇلاسىلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2-تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ يېڭى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، 3-تۈركۈمدە ئىسلاھ قىلىنىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئىمتىھان مەزمۇنى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش روشەن يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تۈرگە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مەدەنىيەت ساپاسى + كەسپىي ماھارەت» بويىچە باھالاش ئۇسۇلى ۋە تاللاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ