خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئاكادېمىك ياۋ چىجى باش تەھرىرلىكىدىكى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (تولۇق ئوتتۇرا نۇسخىسى)» دەرسلىكى 9- ئايدا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. بۇ دەرسلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى يادرولۇق ئاساس ۋە قائىدىلەرنى ئىگىلەپ ھەمدە ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىلمىي، توغرا ئۇسۇل بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە تەھلىل قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (تولۇق ئوتتۇرا نۇسخىسى)»نىڭ تەھرىر ھەيئىتى، چىڭخۇا شۆتاڭ كومپيۇتېر ئىلمى تەجرىبە سىنىپى (ياۋ سىنىپى) ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىنىپى (ئەقلىي سىنىپ) ئوقۇتۇش ئەترىتىدىن كەلگەن تەھرىر ھەيئىتى كوللېكتىپى سەككىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق ئاساسىي مودېلىنى تاللاپ چىققان بولۇپ، ئىزدەش، ماشىنا ئۆگىنىش، سىزىقلىق رېگرېسسىيە، نېرۋا تورى، كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى، تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ