خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-يانۋار، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2019- يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھاسى (CPI) ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.9 ئۆرلەپ، CPI نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولۇشتەك يىللىق كۆزلىمە تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
بۇلتۇر 12-ئايدا، CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك باھاسى %17.4 ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى 1.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، CPI نىڭ ئۆسۈشىگە تەخمىنەن 3.43 پىرسەنت پوئېنت تەسىر كۆرسەتكەن.
جۇڭگو ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتى بازار ۋە باھا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو لىيەن: «12-ئايدىن قارىغاندا، CPI نىڭ ئۆسۈشى يەنىلا يېمەكلىك تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆرلەش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى»، دېدى.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى شېن يۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 12-ئايدا ئوخشىمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىدا بەزىلىرى ئۆرلەپ، بەزىلىرىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. ھۆل مېۋىنىڭ باھاسى %8 تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1.2 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيدى. چوشقا گۆشى باھاسى %97.0 ئۆرلەپ، ئۆسۈش نىسبىتى 13.2 پىرسەنت پوئېنت بولىدى. كالا گۆشى، قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى ۋە تۇخۇم باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %7.3تىن %20.4 ئارىلىقىدا بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. يېڭى كۆكتات باھاسى %10.8 ئۆرلەپ، ئۆسۈش نىسبىتى كېڭەيدى.
بىراق 12-ئايدا CPI نىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى %0.4 بىلەن تەڭلىشىپ، ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ