مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بەردى

بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى

2020.01.10 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى «يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىگەن خادىملارنىڭ شۇ جاينىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۆلەش سىياسىتىدىن ئوخشاش بەھرىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە باجنى كېمەيتىش، مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش ھەم يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى قوللاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ مەدەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىناۋەتلىك يېزا-كەنت، ئىناۋەتلىك باغچە رايون، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى قاتارلىقلاردا كېپىللىكنى كەچۈرۈم قىلىشقا نامزات كۆرسىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە كېپىللىك قىلىشنى كەچۈرۈم قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ