مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

ئاساسىي قاتلامنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ

2020.01.10 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي قاتلامنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەم بويىچە يېتەكلەش، ئېھتىياجنى يۆنىلىش قىلىش، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 2023-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش پۈتكۈل جەريانى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى قاپلىغان ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمەت مېخانىزمى، ئاشكارىلاش سۇپىسى، كەسپىي قوشۇنىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ