مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز نېفىت-گاز چارلاش-ئېچىشنى قويۇۋېتىدۇ

2020.01.10 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- چېسلا تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە ئىشلار توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق نۇسخىسى)»دىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز نېفىت-گاز چارلاش ۋە ئېچىشنى قويۇۋېتىدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان، ساپ مۈلكى 300 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئىچكى-تاشقى مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە نېفىت-گاز كانچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش سالاھىيىتى بولىدىكەن.

  نېفىت-گاز چارلاش ۋە ئېچىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى جەھەتتە يەنە نېفىت-گاز چارلاش ۋە ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. نېفىت-گازنىڭ غەيرىي نېفىت ۋە گاز قېزىلما بايلىقلىرىنى چارلاش ۋە ئېچىش تېخنىكا ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىغا ئاساسەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، نېفىت-گازنى چارلاش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئېچىشقا بولىدىغان نېفىت گاز بايلىقىنى بايقىسا، تىزىملاش ھوقۇقى بولغان تەبىئىي بايلىقنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماققا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن قازسا بولىدۇ.

  «پىكىر»دە نېفىت-گاز چارىلاشنىڭ خەۋپ-خەتىرى ۋە سېلىنمىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى نەزەردە تۇتۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ساپ مۈلكىگە ئەڭ تۆۋەن تەلەپ قويۇلدى ھەمدە بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساپا تەلىپى ۋە بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە مۇناسىپ نېفىت-گاز چارىلاش تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىچكى-تاشقى مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ