مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىڭخەي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى رېن سەندۇڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2020.01.10 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى چىڭخەي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى رېن سەندۇڭنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: رېن سەندۇڭ پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ سوۋغات پۇلى ۋە ئالتۇن بېرىشىنى قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ پۇلىنى قۇبۇل قىلىپ ۋە ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مۇددەت ئارىيەت ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئېغىر بولغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئۆز رايونى ۋە ئۆز ئورنىغا ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ بۇ جەھەتتە ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ زور سوممىلىق پۇل-مېلىنى ئالغان. ئۇ بۇ جەھەتتە جىنايەتلىك، دەپ گۇمان قىلىنغان؛ ئۇنىڭ ئائىلە مال-مۈلكى ۋە چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، پەرق سوممىسى ناھايىتى چوڭ بولغان. ئۇ قىلمىشلار زور مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  رېن سەندۇڭ گەرچە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولسىمۇ، غايە-ئېتىقادىدىن تەۋرىنىپ، پىرىنسىپنىڭ تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويغان، ئىنتىزام-قانۇن قارىشى سۇسلىشىپ، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، رېن سەندۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەرز قىلىنىدۇ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مېلى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ