مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودا مىنىستىرلىقى-- چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ سەلبىي تىزىملىكى يەنىمۇ قىسقارتىلىدۇ

2020.01.09 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شۇۋېن 8- چېسلا مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ سەلبىي تىزىملىكىنى يەنىمۇ قىسقارتىدۇ.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2020- يىللىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتلىرى خىزمەت يىغىنىدا، ۋاڭ شۇۋېن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىچكى بازىرى كەلگۈسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى بازارغا ئايلىنىدۇ، جۇڭگو ئىنتايىن كۈچلۈك كەسىپ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى پۇختا بولغان ھەمكارلىق ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر جۇڭگو بازىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، بۇنىڭدىن بولۇپمۇ ئالاقە تورى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق تۈردە ۋە مۇقىم ھالدا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ۋاڭ شۇۋېن مۇنداق دېدى: «ئۇنىۋېرسال باھالاشتا، جۇڭگو يەنىلا چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتەك ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىككە ئىگە.» سودا مىنىستىرلىقى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ سەلبىي تىزىملىكىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايۇنىغا تېخىمۇ زور ئىسلاھات قىلىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىپ، چېگرا ھالقىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان سودىنىڭ سەلبىي تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ