مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار بۇ بىر يىلدا

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: 2019- يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىدىن 43 مىليون 335 مىڭى كاپالەتلەندۈرۈلدى

2020.01.09 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا 2019- يىللىق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، 2020- يىللىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى لى جىخېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  2019- يىلى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ئادەملەر ۋە ئىشلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى

  2019- يىلى خەلق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا، 17 مىليون 960 مىڭ نامرات نوپۇس يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسى ياكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق» نىشانى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىدىن 43 مىليون 335 مىڭى كاپالەتلەندۈرۈلدى، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.4، %10.4 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە 4 مىليون 716 مىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار بېقىلدى، تۇرمۇشتا پاناھسىز قالغان تىلەمچىلەردىن قۇتقۇزۇپ ياردەم قىلىنغانلار 861 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى. مەملىكەت بويىچە 41 مىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات 62 مىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، 60 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى 177 مىڭ 700 گە، كارىۋات 7 مىليون 546 مىڭغا يەتتى. ھەقىقەتەن بېقىشسىز قالغان بالىلارنى دۆلەت تەرىپىدىن كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، يېزىلاردىكى ئاياللار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلارغا غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئېغىر مېيىپلارغا قاراش ياردەم پۇلى ئارقىلىق، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون 313 مىڭ ۋە 13 مىليون 222 مىڭ مېيىپقا نەپ يەتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ