مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.01.09 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەمىز 90 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 4 مىليون 600 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بار بىر پارتىيە، ئۇ 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ بىر دۆلەتتە، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئەزەلدىن مۇھىم ۋە ئومۇمىيەتنى بەلگىلەيدۇ.

  «بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى». «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتىدە ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنۇتماي داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى ۋە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇ كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ