مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئاخبارات داشۆسىنىڭ سابىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سەي شياڭ پارتىيەدىن ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.01.09 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى جۇڭگو ئاخبارات داشۆسىنىڭ سابىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى سەي شياڭنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى بىرلىشىپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇلار ئېنىقلاندىكى، سەي شياڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھۇجۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، باشقىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىشقا كۈشكۈرتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش كارتىسى بىجىرىپ، ھاراق-تاماكا سېتىۋېلىپ، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن بېقىپ، كۆپ سوممىلىق ھال سوراش پۇلى ئېلىپ، «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىپ ۋە ئىشلىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئىچىدە ھەق ئېلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا شەخسىي چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۈرلۈك قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقاتقان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىدە شەخسىي كىرىمى ۋە ئائىلە ئۆي-مۈلكىنى ئەينەن دوكلات قىلماي، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار قانات يايدۇرغان ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تۈزىتىش خىزمىتىدە، يەنى ئالىي مەكتەپ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشتەك قىلمىشلار ئۈستىدىن ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تۈزىتىش خىزمىتىدە شەخسىي كىرىمىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ ئاممىۋى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىغا ناچار مۇئامىلە قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈنۈپ بەرگەن؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن.

  سەي شياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  سەي شياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭمېي ناھىيەسىدىن، 1990- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1995- يىلى 9- ئايدا جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىگە كىرگەن، 2005- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئەدەبىيات دوكتورى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ