بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بېيجىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش داشۆسى قاتارلىق بەش مەكتەپنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىجازىتىنى توختاتتى
2020.01.08 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بېيجىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش داشۆسى، بېيجىڭ بىيولوگىيە تەتقىقات شۆيۈەنى، جۇڭگو دائىملىق مائارىپ بىرلەشمە شۆيۈەنى، بېيجىڭ جىڭخۇا تېببىي داشۆسى، بېيجىڭ چەت ئەل كارخانىلىرى تەتقىقات شۆيۈەنى قاتارلىق بەش مەكتەپ كۆپ يىل ئەمەلىي مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارمىغان، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋالىنى يىللىق تەكشۈرۈشكە نورمال قاتناشمىغان بولغاچقا، بۈگۈندىن باشلاپ يۇقىرىقى بەش مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازىتى توختىتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ