مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى باھالاش سىستېمىسى»نى ئېلان قىلدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش باھالاشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلىدۇ

2020.01.08 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى تەتقىق قىلىپ تۈزگەن «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى باھالاش سىستېمىسى» ۋە «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى باھالاش سىستېمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى» خەلق مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. مەزكۇر سىستېما ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارى، تەكشۈرۈش مەزمۇنى، تەكشۈرۈش تەلىپىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن «نېمىشقا ئىمتىھان بېرىش، نېمىدىن ئىمتىھان بېرىش، قانداق ئىمتىھان بېرىش» دېگەن ئىمتىھاننىڭ مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىش ئارقىلىق «قانداق ئادەمنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت مائارىپتىكى تۈپ مەسىلىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ساھەسىگە قارىتا جاۋاب بەردى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى باھالاش سىسىتېمىسى «بىر يادرو، تۆت قاتلام، تۆت قانات»تىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى «بىر يادرو» __ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارى، يەنى «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى تاللاشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئوقۇتۇشقا يېتەكلەش» بولۇپ، «نېمىشقا ئىمتىھان بېرىش» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ؛ «تۆت قاتلام» __ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەكشۈرۈش مەزمۇنى، يەنى «يادرولۇق قىممىتى، پەن ساپاسى، ئاچقۇچلۇق ئىقتىدارى، زۆرۈر بىلىمى» بولۇپ، «نېمىدىن ئىمتىھان بېرىش» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ؛ «تۆت قانات» __ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەكشۈرۈش تەلىپى، يەنى «ئاساس خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، قوللىنىش خاراكتېرلىك، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك» بولۇپ، «قانداق ئىمتىھان بېرىش» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى باھالاش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىلىشى ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

  بىرىنچى، مائارىپ ئىقتىدارى جەھەتتە

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نوقۇل ئىمتىھان ئېلىپ باھالاشتىن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مۇھىم ۋاسىتىگە ۋە ساپا مائارىپىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىغا ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

  ئىككىنچى، باھالاش ئىدىيەسى جەھەتتە

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەنئەنىۋى «بىلىم مەزمۇنى»، «ئىقتىدار مەزمۇنى»نى باھالاشتىن «قىممەت يېتەكلىشى، ساپا يۆنىلىشى، ئىقتىدارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، بىلىمنى ئاساس قىلىش»تەك ئۇنىۋېرسال باھالاشقا ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

  ئۈچىنچى، باھالاش ئەندىزىسى جەھەتتە

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاساسلىقى «تەكشۈرۈش مەزمۇنى» ئاساسىدىكى بىر ئۆلچەملىك باھالاش ئەندىزىسىدىن «تەكشۈرۈش مەزمۇنى، تەكشۈرۈش تەلىپى، تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى» ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن باھالاش ئەنزىسىگە ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ