مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان مۇھىم سۆزى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2020.01.07 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان مۇھىم سۆزى» دېگەن كىتاب يېقىندا چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىتىلدى.

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئىدى، شۇ مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئەگرى-توقايلىقلارنى يەڭگەن ئۇلۇغۋار مۇساپىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلىشتەك زەپەر مارشىنى ياڭراتتى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ «يۈك-تاقلارنى قايتىدىن رەتلەپ، قايتا يولغا چىقىش»تەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ قەلبىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە ئۇلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ