خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىجادىي رەۋىشتە ئىلگىرى سۈردۇق، ئېلىمىزنىڭ تاشقى خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، نەتىجىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تاشقى خىزمەتتە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن بىر قاتار زور يېڭىلىقلارنى ياراتتى، نەتىجىدە، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى شەكىللەندى. شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ ئىدىيە پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشتا، ئىنسانلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەمدە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ