مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى ___

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قوغداش

2019.12.30 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە، 2019- يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەركەزنىڭ 15 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مەخسۇس كۆزىتىدىغان ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەزگە قاراشلىق 13 ئورۇننىڭ ھەممىسىگە قارىتا «قايتا كۆزىتىش»نى قانات يايدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېچىلغان «قايتا كۆزىتىش» سەپەرۋەرلىك- تەربىيەلەش يىغىنىدا: «قايتا كۆزىتىش»نىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، كۆزىتىش خىزمىتىدە «ئىككىنى قوغداش» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  2019-يىلىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىنى مەركەز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى ئومۇمىيلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەردە بولسا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىنتىزام- قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى

  «گۇيجۇ ئۆلكىسى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى يىغىنى ئېچىپ، ماۋتەي گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى يۈەن رېنگونىڭ دېلو ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماۋتەي ھارىقى تىجارىتىگە قاتنىشىش ۋە ماۋتەي ھارىقىنى قوبۇل قىلىش، سوۋغات قىلىش مەسىلىسى يىپ ئۇچىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈردى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ خوتەن قاشتېشى قاتارلىق قىممەتلىك يەرلىك مەھسۇلاتلار، ئالاھىدە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى»، «يۈننەن ئۆلكىسى ئۆزىنى تەكشۈرۈشتە بايقالغان ھۆكۈمەت پۇلىغا سېتىۋالغان تاماكا، ھاراق، چاي، خاتىرە بۇيۇمى قاتارلىق بۇيۇملارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ‹ئامبار قالدۇقى بولماسلىق›قا كاپالەتلىك قىلدى... 11-ئاينىڭ 24- كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، ئالاھىدە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشتە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچلۇق ئۈنۈمنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش تەلىپى بويىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى باشلامچى بولدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئالدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە—ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ داڭلىق، ئالاھىدە مەھسۇلات، ئالاھىدە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىدى. مەملىكەت بويىچە داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، ئالاھىدە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش مەسىلىسىدىن 2848 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 4217 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، 856 تىپىك مەسىلە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئاشكارىلاندى. بۇ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئەينەن كارتېنىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ