«ۋەكىللەر قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماقتا»: ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خاتىرىسى

2019.12.27 17:32 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۇڭگاۋدى كوچىسى خىزمەت كومىتېتى ۋەنيۈەن نەنلى مەھەللىسى 3-سايلام رايونىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئاچتى (10-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان).

  كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تېزدىن رەتلەپ، ئاندىن ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلىمىز ھەمدە ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ تۇرىمىز». قەھرىتان قىشتا، بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونى دوڭگاۋدى كوچىسىدىكى «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى»دە فېڭتەي رايونىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇ لىنخۇا مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلغىلى كەلگەن ئاھالە ۋەكىللىرى بىلەن بىر-بىرلەپ پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئاھالىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى.

  بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، فېڭتەي رايونى رايون، يېزا-بازار ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالىدىغان «ۋەكىللەر ئاڭلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاممىنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاپ، «خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش» يېڭى يولىنى شەكىللەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ