خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: 2019-يىلى گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يەرلىك قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بەلگىلىمە بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرغان مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتىن 1485 پارچە بار؛ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى پۇقرالار، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغان 138 پارچە تەكشۈرۈش تەكلىپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە تەكلىپ بەرگۈچىگە ئىنكاس قايتۇردى.
مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش − مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەت ھوقۇقى. شېن چۈنياۋ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئەنگە ئالدۇرۇش ئورگانلىرى ئەنگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىدا يوللاش، ماتېرىيال تولۇق بولۇش، شەكلى قېلىپلاشقان بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شېن چۈنياۋ مۇنداق دېدى: ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىدە مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، بەزى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ماقۇللىغان قارارلاردا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ياكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بەلگىلەنگەن بولۇپ، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى بەلگىلەنگەن، بۇلار قانۇن- نىزام خاراكتېرىگە ئىگە ھۆججەتكە كىرىدۇ، لېكىن ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان. بۇلتۇردىن بۇيان، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسى ۋە يەرلىك سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى تۈزگەن سوت، تەپتىش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر يەرلىكنىڭ ئالاقىدار ئەدلىيە ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، ئىككى ئۆلكە ئىلتىماس بويىچە تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ