خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
«چاغاندىن بۇرۇن كۆچۈپ كىرەلەيدىغان بولدۇق!»- دېدى خەينەن سەنيا ياجوۋۋەن پەن-تېخنىكا شەھەرچىسىدىكى يېڭى سىرلانغان جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىشى سەنيا تەتقىقات يۇرتى تەتقىقات مەركىزى بىناسى ئالدىدا تۇرغان مەركەز مەسئۇلى لو ۋېي خۇشال ھالدا.
جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىشىنىڭ دۆلەت ئىچىدە 13 تەتقىقات مەركىزى بار، «سەنيادىكىسىنى ئەڭ ئاستا، شۇنداقلا ئەڭ تېز قۇرۇلدى دېيىشكە بولىدۇ»- دېدى لو ۋېي.
نېمىشقا؟ «2009 يىلى يەر ئېلىپ، 2010-يىلى قۇرۇلۇش باشلاپ، بۇ يىل كۆچۈپ كىرسە ئاستا ھېسابلىنامدۇ؟ پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى باغچە رايونى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، يېرىم ئاينىڭ ئىچىدىلا قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەر بېجىرىلىپ بولدى، بۇ تېز ھېسابلىنامدۇ؟» - دېدى لو ۋېي، 11 يىلدىن بۇيان تەتقىقات مەركىزى ئىزچىل يەر ئىجارە ئېلىپ ئىش بېجىرىپ، تۇرمۇش يانداش ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولغاچقا، تەتقىقات خادىملىرى ئەڭ يۈكسەلگەن ۋاقىتتىكى 600 كىشىدىن كېمىيىپ 200گىمۇ توشمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
2016-يىلى 10-ئايدا، تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىناسى مىڭ تەستە پۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش تارماقلىرى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئامالسىز بولۇپ قالدى. لو ۋېي بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلكە، شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلار ئارىسىدا توختىماي قاتراپ دوكلات يازغان بولسىمۇ، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بېجىرەلمىدى.
مەسىلە زادى قەيەردە؟ «تەستىقلاش ھالقىسى كۆپ، تەرتىپى ئۇزۇن، يەر گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىشكىلا ئالتە يىل كەتتى. تەستىقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىغا كەلگەندە، ئالاقىدار تارماقلار ھەرخىل قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن بىر-بىرىگە ئىتتىردى» -دېدى لو ۋېي.
بۇلتۇر 12-ئايدا، خەينەن ئۆلكىسى تۇنجى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، «ئەجەللىك» مەرەزنى قاتتىق داۋالاپ، كارخانىلار مەركەزلەشكەن باغچە رايوننى ئىسلاھ قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمىغا ئايلاندۇردى: بىر باغچىدا بىر سىياسەت بولۇشنى يولغا قويۇپ، باغچە رايونى ئۈچۈن خاسلاشقان يۆلەش سىياسىتى تۈزۈپ بەردى؛ ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك تەستىقلاش ھوقۇقى بىۋاسىتە باغچە رايونغا چۈشۈرۈلۈپ، ئىنتايىن ئاددىي تەستىقلاش يولغا قويۇلدى.
سەنيا ياجوۋۋەن پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى قاتارلىق ئالتە نۇقتىلىق باغچە رايونىغا تېخىمۇ ئالاھىدە بولغان ئاددىي تەستىقلاش يولغا قويۇلدى. ئالاھىدىلىكى قەيەردە؟ «تەستىقلاش ھوقۇقى قىسقىراپ، پەقەت سۆڭىكىلا قاپتۇ. ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا بولىدىغان تەستىقلاش تۈرلىرىگە ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى قوللىنىلدى، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى دەل بۇلارنىڭ بىرى»- دېدى ياجوۋۋەن پەن-تېخنىكا شەھەرچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەستىقلاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيالياڭ، ئىلگىرى ئون نەچچە تارماققا بۆلۈنگەن تەستىقلاش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ باشقارمىسىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، «ئەمدى ھېچكىم سەۋەبسىز ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ» -دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى