مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى باشلىدى

2019.12.27 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغىچە مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزەتكەن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە 12 مەركەز ئورنىنىڭ ھەممىسىگە «قايتا قاراپ چىقىدىكەن».

  مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»قا سەپەرۋەرلىك قىلىپ تەربىيەلەش يىغىنى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «قايتا قاراپ چىقىش» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىنىڭ ئورنى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خىزمەت ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلەپ، مەخسۇس كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ كۆزلەپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا يەتكۈزۈپ، كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا قايتا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى قايتا مۇستەھكەملەپ، كۆزىتىشنىڭ سىياسىي نازارەتچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، «قايتا قاراپ چىقىش» ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆزىتىش-تۈزىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنى چۆرىدەپ ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ