مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ھازىر ئۆزگەرتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈش لازىم

2019.12.27 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ۋېيفاڭدا شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق 22 تارماقنىڭ 90 تۈرلۈك مەسئۇلىيەت چېگراسى تۈر بويىچە دەلىللىنىپ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ، مەسئۇلىيەت چېگراسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جېجياڭ لىشۈي شەھىرىنىڭ ليەندۇ رايونىدا «بىرىنچى سەپتە تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش» تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى؛ خۇنەن يۇڭجۇۋدىكى ھەر قايسى ناھىيە، رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى مەخسۇس تۈزەشتە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا 63 تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى... 2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن جايلار ۋە ئورۇنلار «ھازىر ئىسلاھ قىلىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تۈزۈم شەكلى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، يىراقنى كۆزلىگەندىلا، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسىدىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبە- ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، بايقالغان تۈزۈم يوچۇقلىرىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قۇرۇلۇش مۇددىتىگە ئالدىراش» ئۈچۈن تۈزۈم سۈپىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىر تەرەپلىمە ھالدا تۈزۈم سانىنى قوغلىشىشتەك شەكىلۋازلىق خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، نېگىزنى باشقۇرىدىغان، يىراقنى كۆزلەيدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا. تۈزۈم تۈزۈش بىلەن ئىجرا قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن باش تېما تەربىيەسىدە شەكىللەنگەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا، ئەمەلىيلىشىشىگە، يىراققا بارالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، تۈزۈمنى قوغداش، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ