خېفېيدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن يېڭى يىل كۈتۈۋېلىندى

2019.12.26 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خېفېي شەھەرلىك شياڭجاڭ يايۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەلىمى تېمىسىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا.

  شۇ كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىنىڭ كېچى مەھەللىسى خېفېي شەھىرى شياڭجاڭ يايۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن بىرلىكتە «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئوقۇغۇچىلار تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق، سەمىمىي بولۇش، ئەدەپلىك بولۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەلىمىنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ