مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆت قائىدە «قىزىل سىزىقى»نى ئېنىق بېكىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.12.24 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ___ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، شۇنداقلا مائارىپ تارماقلىرى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسى مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ ۋە تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ پەن مۇنداق دېدى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تۆت جەھەتتىكى قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشى، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەربىيەلەش-مائارىپ تەرەققىيات يىغىنىدا شۈ پەن مۇنداق دېدى: ھازىر، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مەخسۇس تۈزەش ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش رولى جارى قىلدۇرۇلدى، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، لېكىن مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بەلگىلىك پەرق بار.

  شۈ پەن مۇنداق دېدى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىرىنچىدىن ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش يۆنىلىشىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، «ئالدىغا ئۆتۈۋالغان، ئۆلچەمدىن ئاشقان تەربىيەلەش ۋە ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.» ھازىر، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش تەدرىجىي ھالدا قاتتىق باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىش يولىغا قاراپ ماڭماقتا. تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ساپا مائارىپى ۋە بەش تەربىيەنى تەڭ قوللىنىش تەلىپىنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاس، كۆپ خىل، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە قويۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاللاپ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ھەق ئېلىش، ھەق قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىر قېتىمدىلا ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ھەقنى ئېلىۋالماسلىقى كېرەك. تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىماي باھانى چۈشۈرۈش، نەق پۇل قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئائىلە باشلىقلىرىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەق تاپشۇرۇشقا ئۈندىمەسلىكى، شۇنداقلا بازار قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىماي، قارىغۇلارچە كېڭەيتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچىنچىدىن مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن چېتىشتۈرۈشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك، «بۇ بىر قىزىل سىزىق، شۇنداقلا تۆۋەن چەك». تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چېتىلىدىغان ھەر خىل مۇسابىقە، يازلىق لاگېر، تەتقىقات ئۆگىنىش پائالىيىتىگە تەشكىللىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، بايقالغان ھامان چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى، ئالاقىدار مەكتەپ ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. مۇۋاپىق تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنىڭ رولىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈشكە، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى كۆپتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  تۆتىنچىدىن، توردىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئەنگە ئېلىشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. توردىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ، توردا تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، تەلەپ بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ