ئۈرۈمچىدە 17-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى باشلاندى

2019.12.24 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر تېيىلغۇچى قار يولىدىن تېيىلىپ چۈشمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى 17-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىدا «پارلىغان قوياش، ئۈرۈمچىدە قار-مۇز كۆرۈش» باش تېما قىلىنىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل، ئەنئەنىۋى ئات بەيگىسى، تېرەچانا بىلەن قار-مۇز تېيىلىش قاتارلىق ئويۇنلار ۋە قار- مۇز تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتنىڭ 2020-يىلى 4- ئايغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيىلەرمۇ مول مەزمۇنلۇق قار-مۇز ئالاھىدە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ