يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سۈن شياۋگونى قايتا سوت قىلىش دىلوسىغا قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى

2019.12.24 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سۈن شياۋگونىڭ 1997-يىلى باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، ئاياللارنى مەجبۇرىي ھاقارەتلەش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىغا قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، ھۆكۈمدە مەزكۇر سوت مەھكىمىسى 2007-يىلى 9- ئايدا چىقارغان ئەسلىدىكى قايتا سوت قىلىش ھۆكۈمى ۋە 1999-يىلى 3-ئايدا چىقارغان 2-سوت ھۆكۈمىدە سۈن شياۋگوغا جازا ئۆلچەشتە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قاراپ قانۇن بويىچە كۈچتىن قالدۇرۇپ، كۈنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1998-يىلى 2-ئايدىكى 1-سوتتا سۈن شياۋگوغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالدى. ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات قۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشتەك ئاخىرقى ھۆكۈمنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈن شياۋگوغا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىندى.

  سۈرەتتە: ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان نەق مەيدان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ