مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل 72 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى يېڭىدىن تەسىس قىلدى

2019.12.23 17:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەزمۇنىنى بېيىتىش بۆلۈمى دائىرىسىدىكى بىرلەشمە يىغىننىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ماس قەدەمدە ئاشقان. بۇ يىل 72 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، تولۇق كۇرس ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، كۆپ قاتلاملىق ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى تەلىم- تەربىيە سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، 2018-يىلى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ تىجارەت كۆلىمى 576 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %27.9 ئاشقان، كەسىپكارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 30 مىليون كىشىدىن ئاشقان. لېكىن بۇنىڭدا يەنە ئۈنۈملۈك تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، ساھە تەرەققىياتى قېلىپلاشماسلىق، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلانغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2020-يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۈزۈمىدىكى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كارخانىسىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ساھەنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇھىت بەرپا قىلىش، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش، ئاقىل ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، مەزمۇنىنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەكتەپلەردە ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كۆپەيتىش؛ 5 مىليون ئادەم قېتىملىق نىشان-ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش بازىسى قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ