مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 15 مىنىستىرلىق، كومىتېت

2020-يىللىق مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.12.20 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىرلىشىپ يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا سەھىيە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ ماركا ئۈنۈمى ۋە ئۈلگە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ يىللىق «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى چوقۇم تاماملاشتەك قاتتىق ۋەزىپىگە توغرىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش باش تۇتقا قىلىنىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىي قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ۋاسىتە قىلىنىپ، يېزا ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقى ھەقىقىي ئاشۇرۇلۇپ، ئاساس پۇختىلىنىپ، ئەۋزەللىك جارى قىلدۇرۇلۇپ، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلۇپ، كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىپ، ئاجىز ھالقىلار كۈچەيتىلىپ، خادىملار قوشۇنى، سۇپا ۋاسىتىسى، مەبلەغ تۈرى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈلۈپ، مەركەزلىك، ئۈلگىلىك پائالىيەتلەر دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش كاپالىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، نىسبىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كەڭ دېھقان ئامما ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ