خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى 2019-يىلى 2-نومۇرلۇق)ىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى 1-تۈركۈمدىكى ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنى ئىككىنچى قېتىم چىقىرىۋېتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، 1-تۈركۈمدىكى ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلاردىن ئىككىنچى قېتىمدا قىسمەن تاۋارلارنى چىقىرىۋېتىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ 301 تەدبىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇپ ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالمايدىغانلىقى، قوشۇپ ئېلىنغان تاموژنا بېجىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 1-تۈركۈمدىكى ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان باشقا تاۋارلار ۋاقتىنچە چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج كومىتېتى ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، 2-تۈركۈمدىكى ئامېرىكىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنى چىقىرىۋېتىش تىزىملىكىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ