مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز پورتۇگالىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئاۋمېننىڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.12.20 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 19-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئاۋمېننىڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى ھەققىدە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىگە ۋە جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىگە بولغان گۈزەل ئارزۇسىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو پورتۇگالىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  گېڭ شۇاڭ شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىندا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوسا، زۇڭلى كوستا ئايرىم-ئايرىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىش ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىش شەكلىدە، پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ ئاۋمېننىڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى 20 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، پورتۇگالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئالاھىدە ئۈلگىسى بولىدىغانلىقىغا، ئاۋمېننىڭ پورتۇگالىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە رەھبەرلىرىنىڭ يۇقارقى پوزىتسىيەسى ۋە جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىگە بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى ئالقىشلايدۇ»، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاۋمېن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە ئىلگىرىلەشلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو پورتۇگالىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ