مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مېيىپلىك نەپىقىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلدى

نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى ئالتە خىل كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2019.12.20 15:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى باشقۇرىدىغان مېيىپلىك نەپىقە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان «مېيىپلىك نەپىقىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان بولۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «مېيىپلىك نەپىقىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى تۆۋەندىكى ئالتە خىل پۇقرا بولىدۇ:

  ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلدە خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولۇپ چېكىنىپ چىققان ھەربىيلەر؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپلىك دەرىجىسى باھالىنىپ قىسىمدىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر؛ ئۇرۇشتا، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن يارىلانغان چاغدا مەمۇرىي ئىشتاتتا بولغان خەلق ساقچىلىرى؛ ئۇرۇشقا قاتناشقان، ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان، ھەربىي مەشىققە قاتناشقان ۋە ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ مېيىپ بولغان زاپاس خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى، خەلق ئىشچىلىرى ۋە باشقا خادىملار؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ مېيىپ بولغانلار؛ دۆلەت مال-مۈلكى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مېيىپ بولغانلار؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى مېيىپلىك نەپىقىسى بېرىشكە مەسئۇل بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا خادىملار.

  مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاش توغرىسىدا، «مېيىپلىك نەپىقىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 5-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاش مېيىپلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشنى يېڭىدىن بېجىرىش، مېيىپلىك دەرىجىسىنى تولۇقلاپ بېكىتىش، مېيىپلىك دەرىجىسىنى تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مېيىپلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشنى يېڭىدىن بېجىرىشكە تەۋە بولغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇرۇش ياكى خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان ئۈچ يىل ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ مېيىپلىك دەرىجىسىنى تەڭشەشكە تەۋە بولغانلار ئالدىنقى قېتىم مېيىپلىك دەرىجىسىنى بېكىتىپ بىر يىلدىن كېيىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ