مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلار «سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلىپ»، «مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان» دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019.12.20 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 19-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار رىغبەتلەندۈرۈش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ «سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلىپ»، «مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان» دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ يىل، دۆلەت دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونىنىڭ دائىرىسىنى «7 + 4» شەھەردىن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىگە كېڭەيتتى. دائىرە كېڭەيتىلگەن رايونلارنىڭ 2018-يىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت خاراكتېرلىك دورىلارنى «كوللېكتىپ سېتىۋېلىش» دورا باھاسىنى يەنە خېلى تۆۋەنلەتتى. بىمارلارنىڭ سۈپەتلىك، ئەرزان دورىلارنى تېزراق ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇ قېتىم تۈرلۈك يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاللانغان دورىلارنى ۋاقتىدا سەپلەپ ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، توختامدىكى ئىشلىتىش مىقدارىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سەھىيە- ساغلاملىق مەمۇرىي تارمىقى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىراجەتنى تىزگىنلەش، دورا ئىگىلەش نىسبىتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دورا تۈرى ئۆلچىمى، مىقدار تەلىپى، دورا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، تاللانغان دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي بىرلەشمە گەۋدىلەرنىڭ بىر تۇتاش تاللىنىدىغان دورا بىلەن تەمىنلەش مۇندەرىجىسىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، تاللىنىدىغان دورىلارنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، بىر تۇتاش يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  تاللانغان دورىلارنى سەپلەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا ئالاقىدار رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئۈنۈم باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى تاللانغان دورىلارنى سەپلەپ ئىشلىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئىشلەتكەن، ئىشلىتىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كىلىنىكىلىق بۆلۈم ۋە دوختۇرلارغا قارىتا، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھات ئارقىلىق مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، ئۇنۋان باھالاش جەريانىدا مايىللاشتۇرۇش كېرەك؛ تەلەپ بويىچە سەپلىيەلمىگەن ياكى سېتىۋېلىش مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى كىلىنىكىدا نامۇۋاپىق ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئېغىر بولغان ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باھالاش، داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاشتا لاياقەتسىز قىلىپ باھالاش، مەلۇم دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ