مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

G5 + سانائەت ئالاقە تورى كۆپەيتكۈچ ئېففېكت قويۇپ بەردى (سىياسەت يېشىمى)

2019.12.19 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  G5 ___ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يۆنىلىش، سانائەت ئالاقە تورى، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى. تېخنىكا يېڭى يۇلتۇزى ياسىمىچىلىق ئېقىمىغا يولۇققاندا، شۈبھىسىز ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىشكە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم تۈرتكىگە ئايلىنىدۇ.

  يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى « 512 قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2022- يىلىغىچە، كەسىپلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن بەشنى بەرپا قىلىپ، ئون نۇقتىلىق ساھەنى تاللاپ، تىپىك سانائەت ئەمەلىي كۆرۈنۈشىدىن ئاز دېگەندە 20نى شەكىللەندۈرۈپ، G5 بىلەن سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ قوشۇلۇش، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەسسىلەپ تەرەققىي قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنى يېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نېمىشقا ئالايىتەن كەسىپلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ؟ «G5 + سانائەت ئالاقە تورى» قايسى ساھەلەرنى نۇقتىلىق توپلاشتۇرىدۇ؟ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ھالقىسىدا قانداق يۇغۇرۇلۇپ ئەمەلىي قوللىنىلىدۇ؟ مۇخبىر ئالاقىدار كەسپىي زاتلارنى زىيارەت قىلدى.

  مۇلازىمەت سۇپىسى تېخنىكا ئۆلچىمىنى دەلىللەش، يادرولۇق ئۈسكۈنىلەرنى سىناش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ

  2022-يىلىغىچە سانائەت ئالاقە تورى كارخانىلىرىدا G5 بويىچە تورلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش مۇلازىمىتى سۇپىسىدىن بەشنى بەرپا قىلىشتا سۇپا G5 بىلەن سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى قايسى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق چۈشەندۈردى: ھازىر يۇغۇرۇلۇش ئۆلچىمى مۇكەممەل بولماسلىق، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەر پىشىپ يېتىلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. كەسىپلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ساھە ئالاھىدىلىكىگە قارىتا «G5 + سانائەت ئالاقە تورى» تېخنىكا ئۆلچىمىنى دەلىللەش، يادرولۇق ئۈسكۈنىلەرنى سىناق قىلىش، ئەمەلىي مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەسلىھەت بېرىش، تەربىيەلەش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، يۇغۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىشنى سىناق مۇھىتى، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇل تىرەك ۋە ئۈلگە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بۇنداق ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ يىل تەسىس قىلىنغان «سانائەت ئالاقە تورى كارخانىلىرىدا G5 بويىچە تورلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش مۇلازىمىتى سۇپىسى» تۈرىگە ھازىر بەش بىرلەشمە گەۋدە خېرىدار بولدى، ھەر بىر بىرلەشمە گەۋدە سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ