سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇشقا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان، ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى ئازايتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، جىمجىتلىقنى مەكتەپلەرگە قايتۇرۇپ بېرىش، ۋاقىتنى ئوقۇتقۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ