خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بۈگۈن 2020-يىللىق مەكتەپتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي يولغا قويۇپ، 2020-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا جەمئىي 46 ئىش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 61 كىشى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ خىزمەتلەر تاشقى ئالاقە، تەنھەرىكەت يىغىنى مۇلازىمىتى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كەسپىي ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق تەييارلىق قىلىش ۋە ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپارات. بىر نۆۋەتلىك نادىر، ئاجايىپ ئولېمپىك بەزمىسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تەييارلىق قىلىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەييارلىق خىزمىتىگە قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، كەسىپلەشكەن، خەلقئارالاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2020-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ