مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىنى تەكىتلىدى: بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلىنىدۇ

2019.12.17 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 16- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار يېقىندا بىرلىكتە «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. بۇ پىكىر 2018- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون تۈرلۈك مىزان بىلەن، يەنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ھەرىكەت ئون تۈرلۈك مىزانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، شۇ ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ مۇكەممەل بولغان قۇرۇلۇش تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رېن يوۋچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى بولسا، مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ ئۆلچىمىدۇر؛ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى بولسا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى باھالاشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى جەھەتتە ساقلانغان يېڭى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەخسۇس تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. يەنىلا ئايرىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئېقىمغا قارشى ئىش تۇتۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا جىددىي قاراپ، قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باھالاش ئارقىلىق ئۇنداقلارغا چەكلىمە قويۇپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق قەتئىي جازالاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى بەدەل تۆلىتىش، ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۆمۈرۋايەت چەكلەش، شۇ ئارقىلىق، بۇ پىكىرنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ