مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقاتتى

دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2019.12.13 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش، پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش، بازارغا كىرىشىگە ئالاقىدار تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش، پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  مالىيە [2019] 130-نومۇرلۇق

  گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ئالاقىدار بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، پىلاندا ئايرىم تىزىلىدىغان شەھەرلىك مالىيە نازارەتلىرى (ئىدارىلەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مالىيە ئىدارىسى، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى:

  دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازارغا كىرىش سودىسىغا ئالاقىدار تەرتىپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت پۇل مۇئامىلە مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىغا ئاساسەن، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش، پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

  بىرىنچى، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى − دۆلەت ئەمەلىي كونترول قىلالايدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى كۆرسىتىدۇ (قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، پۇل مۇئامىلە كەسپىي ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتى، پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش تىجارەت شىركىتى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ماھىيەتلىك قانات يايدۇرغان باشقا كارخانا ياكى ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەنى مەبلەغ چىقىرىش ياكى مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى، كېلىشىم، باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەمەلىي ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ، يالغۇز مەبلەغ سېلىش، تولۇق مەبلەغ سېلىش، مۇتلەق كونترول قىلىش، ئەمەلىي كونترول قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان كاپىتالنى كۆپەيتىش، پاينى كېڭەيتىش − دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ياكى مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىغا بەرگەن مەبلىغى ۋە خەۋپ- خەتەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ- خەتەر ياردىمىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى بۇنىڭ سىرتىدا. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ