مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى

2019.12.13 16:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  12-ئاينىڭ 13-كۈنى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى باتۇر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  باتۇر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ياخشى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى؛ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇپا بەرپا قىلىش؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ