2019-يىللىق «گۈزەل جۇڭگو. پارلاق مەدەنىيەت»نى كېڭەيتىش پائالىيىتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى سېئاتېلدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئەربابلار مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «گۈزەل جۇڭگو. پارلاق مەدەنىيەت»نى يەر شارى بويىچە كېڭەيتىش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بېكىتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق مېھمان پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ